باشبەت | كىتاب | ماقالە | ئۈن ـ سىن | قۇرئان كەرىم | ساھابىلەر ھاياتى | ئايال ساھابىلەر ھاياتى | مەشھۇر شەخسلەر | توربەت توغرۇلۇق | پىكىر دەپتىرى |

 

ظەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھۆرمەتلىك تورداشلار!

ئۈن – سىن سەھىپىمىزنى يېڭىلاش، جانلاندۇرۇش ھەققىدىكى ئىستەكلىرىمىز يېڭى بولمسىمۇ، خىزمەتلەرنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى بۇ نوقتىغا تېگىشلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرەلمىگەن ئىدۇق. جانابى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن، بۇ قېتىم تور بېتىمىزدە ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان نەسرى ماقالىلەرنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئىشلەپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە تەبلىغ، قىرائەت ۋە ئىسلامىي كۈيلەرنى يېڭىلاش، رەتلەپ چىقىش قاتارلىقلارغا مۇۋەپپەق بولدۇق. خىزمەتلىرىمىزدىن جانابى ئاللاھ رازى، دوستلىرىمىز مەمنۇن بولسا تىلەكلىرىمىز ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغاي!

ئىسلامىي ئۈن – سىن ساھەسىدە بېسىلغان بۇ قەدەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش مۇساپىسىدە بېسىلغان دەسلەپكى ئاياق ئىزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغۇسى! بۇ خىزمەتنىڭ روياپقا چىقىشىدا كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرنى دۇئالىرىڭلاردا ياد ئېتىپ قويۇشىڭلارنى ۋە ھەرخىل سەمىمىي تەلەپ ـ پىكرىڭلارنى ئايرىماسلىقىڭىلارنى ئۈمىد قىلىپ،

ھۆرمەت بىلەن:   ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

 
 تىلاۋەت بۇ قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى پارچە ـ پارچە بولۇپ، ئۇستاز ئابدۇلباسىت ئابدۇسسەمەت قارىنىڭ تىلاۋىتى سۈرىتى بىرلىكتە. قېنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە تىلاۋىتىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاۋاز بېرىلگەن. ئومۇمىي سىغىمى 110 مىگا بايت. ھۆججەت تىپى amr يانفۇن تىپى بولۇپ يانفۇنىڭىزدا ھېچقانداق يۇمشاق دېتال يۈكلىمەي ئاڭلىيالايسىز. 114 سۈرە تولۇق

قېنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

 
 
ھەج _ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەندۈرۈش سىنئالغۇسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار!

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەج پائالىيەتلىرىنى  قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسكە مۇۋاپىق شەكىلدە تولۇق رىئايە قلىغان ئاساستا ئادا قىلىشى ئۈچۈن خەيىر سۆيەر قېرىنداشلارىمىزنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەجكە مۇناسىۋەتلىك سىنئالغۇنى توردا تارقىتىلدى. ئۇلۇغ ئاللاھ توغرا ھەج ئادا قىلغىلى نېسىپ قىلسۇن! ھاجىلىرىمىزنىڭ ھەجىنى قوبۇل قىلسۇن!

ئومۇمىي ھۆججەت سانى 18 پارچە بولۇپ تولۇق ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

 
 
 ھۆججەتلىك فىلىملەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار!

ھارۇن يەھيا گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تارقالغان «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ چۆكۈشى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىملەر ھەققىدە ئاڭلىمىغانلار بولمىسا كېرەك!  كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ بىر ياراتقۇچسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئەڭ جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەندىن سىرت، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ بايراقدارلىرى سۈپىتىدە دەبدەبە بىلەن ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان ھەر ساھە باتىل ئەقىدە ۋە مەزھەبلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇنىڭدىكى ئاجىز نۇقتىلارنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ تۈردىكى ھۆججەتلىك فىلملەرنىڭ بىر قىسمى دىنىغا ھېرىسمەن دوستلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلگەن ئىدى. بىز بۇ فىلىملەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ شەكىلدە خەلقىمىز بىلەن ئۇچىرىشىشىنى مەقسەت قىلىپ، ھەممىنى بىر يەرگە توپلاپ، توردا ئېلان قىلدۇق

ظۇمۇمىي ھۆججەت سانى 26 بابتىن ئىبارەت ھەممىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ!

 
 
 بەزى مۇھىم كىتابلارنىڭ ئاۋازلىق ھۆججەتلىرى
  • ئىسلام پرىنسىپى
  • يول بۇ يەردە
  • ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى
  • ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانمىلار
  • خاتىرجەملىك يولى
  • ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى
  • كەلگۈسىدىكى مۇسۇلمان ئايال
  • ئىسلامدا ئاياللانىڭ ھوقۇقى
  • ئىنسانىيە ئىسلام مەدەنىيىتىگە موھتاج
  • مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى
  • نەسرى ماقالىلار «تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلارنىڭ ئاۋازلىق ھۆججەتلىرى»

يۇقىرىدىكى كىتابلارنىڭ ئومۇم ئاۋازلىق ھۆججىتىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ

 
 
 تەبلىغلەر بۇ بۆلۈمدە تور بېكىتىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان تەبلىغلەر بولۇپ، چۈشۈرۋېلىڭ!
 
 
 ئىسلامىي كۈيلەر بۇ بۆلۈمدە تور بېكىتىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان تەبلىغلەر بولۇپ، چۈشۈرۋېلىڭ!
 
 
شېئىرلەر بۇ بۆلۈمدە بىر قانچە شېئىردىن تەركىب تاپقان ئاۋازلىق ھۆججەت بولۇپ چۈشۈرۋېلىڭ
 
 
 

باشبەتكە قايتىش

 

menbenet@yahoo.com

تور بېتىمىزدىكى ھەرقانداق ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش جەريانىدا تەرجىمىدە بولسۇن، تەھرىرلەشتە بولسۇن تورداشلارنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى مەنبە تورى بىزنىڭلا بولماستىن ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەدەلسىز ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. پايدىلانغۇچىلار سەمىمىيەت بىلەن مەنبە كۆرىسىتىشىنى ئۆتۈنىمىز!

Copyright 2009 http://www.islamyultuzi.com/menbe All Right Reserverd